http://www.elanim.cn依拉拟木广告网站
  • ۋۇخەن دىيارىدا ئىلىم كويىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار! ئۇزاق مۇساپىلەرنى بېسىپ ‏بۇ دىياردا، ئارمانلىرىمىز يولىدا ئىزدىنىشلىرىمىز،تىرىشچانلىقلىرىمىز مول مېۋىلەر بىلەن نەتىجىلەنگۈسى! بىزنىڭ زىممىزگە ئېغىر ھەم بۈيۈك ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن ،چۈنكى بىز مىىللەتنڭ ئۈمىدى،        كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى!  بىزنۆۋىتىدە ھەم يەنە مىللىتىمىز ئوبرازىنىڭ ۋەكىلى،روشەن كارتىنىسىمىز! مىللى مەدەنىيىتىمىزنى تونۇش ۋە قېزىپ چىقىرىش بىزگە قەرز ھەم پەرز! شۇ         مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئوتتۇرا جوڭگۇ پەن-تېخنىكا ئۇنۋىرستىتىدىكى ئۇيغۇر ساۋاقداشلار ،بۇلتۇر مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا تۇنجى قېتىملىق <ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت بايرىمى>نى ئۆتكۈزگەن . مول    نەتىجە ھەم ساۋاقلارغا ئېرىشكەنىدۇق! بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشىمىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ۋە تېخىمۇ راۋاج تېپىشى ئۈچۈن ، ئۆتكەن قېتىملىق بايرامدىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن    ئاساستا، بۇ يىلمۇ بايرامنى ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتىمىز.

  • ئومۇمەن ئېيتقاندا، كومپيۇتېرلار پەقەت رەقەملەرنىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇلار ھەر بىر ھەرپ ۋە بەلگىگە بىردىن نومۇر بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا نىسبەتەن ساقلاش ئېلىپ بارىدۇ. يۇنىكود ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇنلىغان پەرىقلىق كودلاش (نومۇر بېرىش) سىستېمىلىرى مەۋجۈت ئىدى. لېكىن ھېچقانداق كودلاش ئۇسۇلىدا بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى تولۇق ئىپادىلەش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، يالغۇز ياۋرۇپا بىرلەشمىسىلا ئۆزىگە تەۋە بولغان بارلىق تىللارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىرنەچچە كودلاش سىستېمىسىغا ئىھتىياجلىق بولاتتى. ھەتتا ئىنگىلىزچىغا ئوخشاش بىرلا تىل ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭدىكى بارلىق ھەرپلەر، تىنىش بەلگىلىرى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق بەلگىلەرنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىپادىلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرلا كودلاش سىستېمىسى يوق ئىدى.
     

  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  دوستلار ؛
    تەتىل سەۋەپلىك سىلەردىن بىر-ئىككى ئاي ئايرىلىدىغان بولدۇم . ئاللاھ خالىسا ئەتە يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىمەن .قايتىپ كەتسەم تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولامدۇ-يوق بۇنىسىنى ماڭا نامەلۇم .شۇڭا كېتىشتىن بۇرۇن ئەسلىدە بىر...

  • مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىزنىڭ باشقىلارتەرىپىدىن ئېچىلىپ كۆرۈلىشىنى خالىمامسىز ؟
    شەخسى ھۆججەتلەرنى بىر قىسقۇچقا توپلاپ يۇشۇرۇپ قويغىڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداق
    بولسا بۇ دېتال سىزنىڭ بۇ ئېھتىياجىڭىزدىن پۈتۈنلەي چىقالايدۇ . بۇ دېتالنى
    ئىشلىتىش ناھايىتى ئاددى ، بى...
  • سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ خوشال چاغلىرىڭىزدىكى ، ئۆزىڭىزنى ئەڭ بەخىتلىك دەپ قارىغان چاغدىكى رەسىملىرىڭىزگە يېقىملىق مۇزىكا ۋە باشقا ئۈنۈملەرنى قوشۇپ ، شۇ ئۆتۈپ كەتكەن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى يېقىملىق ۋىدىئوغا ئايلاندۇرۇپ ساقلاپ قويۇشنى ئويلاپ باققانمۇ ؟  ۋىدىئولۇق ئالبوم ياسايدىغان دېتال تاپالماي بېشىڭىز قاتتىمۇ ؟ ۋە ياكى تاپسىڭىزمۇ مۇرەككەپلىكىدىن قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمەي قالدىڭىزمۇ ؟  Windows photo storyسىزنىڭ بۇ قېيىنچىلىقىزنى يېڭىشتىكى ئەڭ ياخشى ياردەمچىڭىز بولالايدۇ.


  •          مېنىڭچە Splash PRO ھازىرقى كۆپ ۋاستە قويغۇچلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىلىرىنىڭ بىرى.ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن" كېيىنكى دەۋىردىكى قويغۇچ "دېگەن چىرايلىق نام ئالغان.ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى  ناھايىتى روشەن بولۇپ ، قويۇش سۈرئىتى60 رامغا يېتىدۇ.كۆرۈنىش سۈزۈكلىكى ھازىرقى ھەرقانداق قويغۇچتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.يەنە كېلىپ ئۇنىڭ سىرتقى لاھىيىلىنىشى ناھايىتى كۆرۆكەم ھەم سىپتا.
    CPU ۋە RAM‏ نى ئىشلىتىش نىسبىتىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن.پەقەت قاتتىق دېتال كود يەشكۈچنى قوللايدىغان كۆرسىتىش كارتىسى بولسىلا ، ھەرقانداق ئۆزى قوللايدىغان فىلىمنى بىمالال قويالايدۇ. مەن بىرقانچە سۈزۈك فىلىمنى قويۇپ سىناپ باقتىم . ئۇنىڭدا قويۇلغان فىلىم قانداقلا چوڭ بولىشى ، قانچىلىك سۈزۈك بولىشىدىن قەتتئنەزەر قاتمايدىكەن(سەل ئاشۇرىۋەتتىممۇ قانداق) . ئۇ سۈزۈك فىلىم كۆرۈش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.

  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم دوستلار:
    بۇگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن يۇمشاق دېتالىم kmplayer نىڭ بىرقۇرساق ئىنىسى potplayer. بۇ دېتال كۆپ ۋاستە قويۇش دېتالى بولۇپ ، unicodeنى ناھايىتى ياخشى قوللىغاچقا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم .دېتالنىڭ ناھايىتى ئاز بىرقىسىم يېرى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ئىمكان بولمىدى.چۈنكى بۇ يەرنىڭ خېتى ۋىندوس بايلىقىنى تەڭشەپ ئىشلەتكەن بولغاچقا ، بۇ يەرنىڭ خېتى ۋىندوس تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن.مۇنداقچە ئېيتقاندا ، يەرنى ئويغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋىندوسنىڭ ئويغۇرچە نۇسخسى بولسا ئاندىن مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىكەن.شۇڭا ئۇ يەر ئۆز پېتى قالدۇرۇلدى.(ئىشلىتىش جەريانىدا باشقا ئىقتىدارلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ)

  • ئىچكىرى ئۆلكە-شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىمىزدا نەشىر قىلىنىۋاتقان نوپۇزلۇق ژۇرناللار بىلەن بولغان مەنىۋى رىشتىسىنى كۈچەيتىش، ئانا تىلىمىزدا ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۇر، مۇلاھىزىلىرى بىلەن ئۇچىراشتۇرۇش مەقسىتىدە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنى پوچتا ئارقىلىق ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىش مۇلازىمىتى باشلاندى. بۇ ژۇرناللارنى ھەر قېتىم نەشىردىن چىققاندا پوچتا ئارقىلىق ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز يەتكۈزۈلىدۇ.

  • يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن  كېيىن ئۇيغۇر تىلىدىكى رەسمى مەتبۇئات گېزىت- ژۇرناللاردا ئاپپاق خوجا «فېئودال جەمئىيەتنىڭ داشقىلى، قاراڭغۇلۇق ، خۇراپاتلىقنىڭ بېشى» دەپ تەنقىدلەندى . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 60 ،70-يىللاردا تۆت كونىنى يوقىتىش چاقىرىقىدا قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىكى دىنسىز ياش ئەترەت ئەزالىرى ئاپئاق خوجىنى قەبرىسىدىن كولاپ ئېلىپ سازايى قىلىشقا تاس قاپتىكەن. لېكىن بۇ كىشىنىڭ مازىرىغا بىر قانچە كەتمەن چېپىپ ،نەق مەيداندا قۇرئان ۋە باشقا دىنى كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ بولدى قىلىپتۇ . ئاشۇ مازاردا قۇرئان كۆيدۈرۈپ، دىن كىتابلىرىنى ئوتقا تاشلىغانلار باشقىلار ئەمەس بەلكى قېنى قىزىق ،يېڭى ئىدىيە بىلەن قوراللانغان «ئىلغار» ئۇيغۇرلار ئىدى. ھەممىمىز بىلىمىز، بۇ مالىمانلاردىن كېيىن نۇرغۇنلار ئاقلاندى، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئەمما ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى گېزىت- ژۇرناللاردا  ئاپاق خوجىنى سەلبى  سۈرەتلەش داۋام قىلدى . مۇھەررىرلەر بۇ كىشىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدىغان ھەر قانداق ماقالىنى بېسىشقا قىزىقمىدى ياكى يوللۇق سەۋەپ تاپالمىدى . بۇ زامانلاردا يەنى

  • بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن دېتالىم بولسا ۋىدىئو فورمات ئۆزگەرتكۈچ .بۇ دېتالنى مەن ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولدى .ئىشلىتىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى ،بۇ دېتالنىڭ فورمات ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈككەن،ھەم ئۆزگەرتىپ بولغان ۋىدىئومۇ ناھايىتى سۈپەتلىككەن.يەنە كېلىپ ۋىدىئوغا نىسبەتەن كىچىككىنە تەھرىرلەشلەرنىمۇ ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن.مەسىلەن :ۋىدىئونى كېسىش،ئۈنۈم قوشۇش دېگەندەك .دېتالغا


  • ھەممىڭلارنىڭ يارغول تورخاتىرىسىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەنلىكىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن‏.ھەرقايسىڭلارنىڭ ھەرجەھەتتىن قوللاپ -قۇۋەتلىشىڭلار ئارقىسىدا يارغول تورخاتىرىسى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ‏ئىچىدە، زىيارەت سانى20000غا يېتەي دەپ قالدى.مانا بۈگۈن خوشاللىق ئىچىدە شۇنى بايقىدىمكى يارغول بىلوگىنىىڭ (پ ر) ‏قىممىتى 2 گە چىقتى‏.شۇ ۋەجىدىن بۇ خوشاللىق بىلەن تەڭ بەھىرلىنىش ئۈچۈن بىلوگىمغا يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن

    بىلوگ ھاياتىمنى ئەسلىگىنىمدە ، شۇ بىلوگ ئوڭشايمەن دەپ دەرىسكە چىقماي ببىرھەپتە ھەپىلەشكىنىم، بىلوگنى ئەمدى ئوڭشاپ بۇلۇپ ، بۇنىڭغا ئەسەر يازىمەن 

     

     

  •   ئېسىمدە قېلىشىدە ،كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ھەربىر رامىزان ئېيى كەلگەندە ،ھەربىر ئۆي ناھايىتى ئاۋات بولۇپ كېتەتتى .ھەركۈنى زولۇق يېيىش ۋاقتىدا سىرتقا چىقسڭىز ،گەرچە تاڭ ئاتمىغان بولسىمۇ لېكىن ھەربىر ئۆينىڭ چىرىقى يېنىقلىق بولۇپ كىشىگە رامىزاننىڭ ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلدۇراتتى.شۇ ۋاقىتلاردا يەنە <روزاڭ ئېيتىش> دەيدىغان بىرخىل ئادەت بولىدىغان .<روزاڭ ئېيتىش>نىڭ خاسىيىتى ناھايىتى زور بولۇپ ،ئەتىگەنلىك زورلۇق يېيىش ئالدىدا شۇ مەھەللىدىكى بىر قىسىم جامائەت يىغىلىپ ،دۇتتار ،تەمبۇر ،داپ ،ساپايى قاتارلىق سازلىرىنى چېلىشىپ ھەربىر ئۆينى بىر قېتىمدىن يوقلاپ چىقاتتى .ئۇلار ھەرب ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە توختاپ ،سازلىرىنى چېلىشىپ ،رامىزان قوشىقىنى ئېيتىشىپ ،رامىزاننىڭ زاكاتىنى تەلەپ قىلىشاتتى .ھەربىر ئۆي ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاتاپ زاكات بېرەتتى

  •  

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
    ھۆرمەتلىك ئەھلى جامائەت ،قېرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ قۇتلۇق قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن .ئۇلۇغ ھېيت كۈنلىرىنى خوشال-خورام ئۆتكۈزۈشىڭللرغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن .

  • كىم ئۇيغۇرلاردا ئولىمپىك چىمپىيونى يوق دەيدۇ ؟
    ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى قېتىملىق ئولىمپىك ئالتۇن مىدالىغا ئېرىشكۈچى ----مۇھەممەت ئۈمەر .مۇھەممەت بادىلجان ئوغلى ئۆمەر،1924-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئالمۇئاتا شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن.1941-يىلى سوۋىت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەربىي-تىببىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن.1943-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئىككىنىچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان.ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن گىرمانىيەدە قېلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.كېيىن  Crufدەپ ئاتىلىدىغان تىببىي ئونۋېرستىتتا بىلىم ئاشۇرغان ھەمدە 1953-يىلى تىببىي پەنلەر بويىچە ئالىي ئپنۋانغا ئېرىشكەن .شۇ يىلى ئۇ يەنە سوۋىت ھەربىي قارغا ئېتىش كوماندىسى ۋە دۆلەت قارغا ئېتىش كوماندىسىغا تەكلىپ قىلىنغان.1954-يىلى سوۋىت ۋە دۇنيا قارغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ كىشىلەرگە تونۇلغان